كۇۋەيتتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى قولغا ئېلىندى

كۇۋەيتتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا قارىتىلغان ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر گۇرۇپپا كىشى قولغا ئېلىندى.

1235218
كۇۋەيتتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى قولغا ئېلىندى
kuveyt polisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مىسىردا 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ كىشىلەر مىسىر دائىرىلىرىدىن قېچىپ، كۇۋەيتكە بارغان.

2013 – يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى «قانۇنسىز تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش» قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر