ئامېرىكىنىڭ دانىيەدىن پ ي د / ي پ گ ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ دانىيەدىن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشىنى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1233335
ئامېرىكىنىڭ دانىيەدىن پ ي د / ي پ گ ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى «پولىتىكەن» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىستىكىنىڭ دانىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى سىياسەت كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دانىيەنىڭ ئۆتكەن ئاي ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان يېڭى ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بىرىنى تاللاشتىن ئىبارەت قىيىن بىر مۇساپىگە قەدەم قويغان.

خەۋەردە، دانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ تەلەپكە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، دانىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

بىر پارتىيەلىك ئاز سانلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىگۈچلىرى سېپىدىن ئورۇن ئالغان، سوتسىيال دېموكراتىيە پارتىيەسىنى سىرتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سوتسىيالىستىك خەلق پارتىيەسى بىلەن بىرلىك تىزىملىكى (قىزىل – يېشىللار) پ ي د / ي پ گ قارىتا مۆتىدىل سىياسەت تۇتۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر