موزامبىكتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

موزامبىكتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشى ئۆلۈپ، 6 كىشى يارىدار بولدى.

1230049
موزامبىكتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، موزامبىكنىڭ جابو دېلگادو ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىتولە يېزىسىدا قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا، 6 كىشى يارىدار بولغان. 

خەۋەردە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

موزامبىكتە ئالدىنقى يىلدىن بۇيان دۆلەت بىنالىرىغا ۋە ساقچىلارغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ھۇجۇمنى ئەششاباب ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق مورامبىكتىكى قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ سومالىدىكى ئوخشاش ئىسىملىق تەشكىلات بىلەن چېتىشلىقى بار ياكى يوقلۇقى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

خەلقىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان جابو گېلگادو ۋىلايىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەنمۇ تونىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر