ب د ت: لىۋىيەدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئۇرۇش جىنايىتى بولۇشى مۇمكىن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مايكېل باچېلېت، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇسقا يېقىن تاجۇرا رايونىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» تۈرىگە كىرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1230162
ب د ت: لىۋىيەدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئۇرۇش جىنايىتى بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باچېلېت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بومباردىماندا ئونلارچە كۆچمەن ۋە مۇساپىرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە نۇرغۇنىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەندىكىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مەزكۇر نازارەت مەركىزىنىڭ تولۇق ئادرېسلىرى ۋە بۇ يەردە پۇقرالارنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە ئالدىنئالا مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «بۇ ھەقىقەت، ھۇجۇمنىڭ كەسكىن بىر ئۇرۇش جىنايىتى تۈرىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

600 ئەتراپىدا تەرتىپسىز كۆچمەن تۇرۇۋاتقان نازارەت مەركىزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن باچېلېت، توقۇنۇشنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە نازارەت مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقراۋى ئۇل – ئەسلىھەلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، لىۋىيەدىكى بارلىق تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەركەزلەرنى تاقىۋىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى تەكرارلىدى.

خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى پايتەخت تىرابلۇسنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان مەركەزگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر