گېرمانىيە گراژدانلىقىغا ئۆتۈش تېخىمۇ قېيىنلىشىدىغان بولدى

يېڭى گراژدانلىق قانۇن تەكلىپى گېرمانىيەنىڭ فېدېراتىسىيە پارلامېنتىدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ تەستىقتىن ئۆتتى.

1227010
گېرمانىيە گراژدانلىقىغا ئۆتۈش تېخىمۇ قېيىنلىشىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىرىستىيان دېموكراتىيە بىرلىك پارتىيەسى، خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى ۋە ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىگە، ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى رەت ئاۋاز بەردى. 

بۇ قانۇنغا بىنائەن بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ياكى گېرمانىيە سىرتىدىكى بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئەگەر باشقا دۆلەت پۇقرالىقىمۇ بولغان تەقدىردە (يەنى قوش نوپۇسلۇق بولغان ئەھۋالدا) گېرمانىيە گراژدانلىقىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.

كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلارغا ۋە گېرمانىيەنىڭ تۈرمۈش كۈلتۈرىنى ئۆزلەشتۈرمىگەنلەرگىمۇ گراژدانلىق بېرىلمەيدۇ.

پارلامېنتقا سۇنۇلغان گراژدانلىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، كىملىكتە ھېلە ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارشى تەدبىرلەر يىڭىلىنىدۇ.

گېرمانىيە گراژدانلىقىغا ئۆتكەن چاغدا خاتا بايان ۋە خاتا ھۆججەتلەرنى بەرگەن كىشىلەرگە قارىتا ئەسلىدىكى 5 يىللىق ئۆتمۈشىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى 10 يىلغا چىقىرىلىدۇ.

بۇ قانۇن تەكلىپىگە قوشۇمچە قىلىنغان «گېرمانىيەنىڭ تۈرمۈش كۈلتۈرىنى ئۆزلەشتۈرمىگەنلەر» دېگەن سۆز پارلامېننتا تەنقىد قىلىندى.

قانۇن تەكلىپىگە قارشى سۆز قىلىش ھەققى تەلەپ قىلغان سولچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئۇللا جېلپىكە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا مۈكىنىۋىلىپ، «كۈلتۈر بىرىنجى ئۇرۇندا» پىرىنسىپىنى زورلاپ تاڭماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ سۆزلەرلا بولىدىكەن قانۇن تەكلىپىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېشىللەر پارتىيەسىدىن فىلىز پولات بولسا، «بۇ يېڭى قانۇن گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ قانۇن بىلەن گېرمانىيە 80يىللاردىكى سەۋىيەگە چېكىنىپ كەتتى» دەپ تەنقىد قىلدى. 

يېڭى گىراژدانلىق قانۇنى «گېرمانىيە گراژدانلىقىغا ئۆتۈش چەريانىدىكى رەسىمىيەت باسقۇچىدا، مەمۇرلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە پوزىتسىيە تۇتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ» دەپمۇ تەنقىد قىلىنماقتا.

بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن فېدىراتسىيە ئىشتات ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر