قۇددۇستا ئامېرىكا-رۇسىيە-ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن «ھەقىقىي مۇزاكىرەلەر» نى ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1225062
قۇددۇستا ئامېرىكا-رۇسىيە-ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون بولتون غەربىي قۇددۇستا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-رۇسىيە-ئىسىرائىلىيە ئۈچ تەرەپ خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ رايوندا ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكلەرەە چىقىش يولى تېپىش ئۈمىدى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئىراننى بۇ پائالىيەتلەرگە جىمجىت قاراپ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ: «ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارار ئارقىلىق يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرمۇ دەلىل-ئىسپات يوق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ باشلىنىشى مەسىلىسىدە گۇناھنى تېھرانغا ئارتىپ: «پىرېزىدېنت ترامپ ھەقىقىي مۇزاكىرەلەرگە ئىشىكنى ئوچۇق تۇتۇۋاتىدۇ. ئىراننىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى ئوچۇق بولغان ئىشىكتىن مېڭىش» دېدى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلدى ۋە ئىراننىڭ 300 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئۇران قويۇلدۇرۇشىنىڭ «چوڭ خاتالىق» بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بارلىق چارىلەرنىڭ ئويلىشىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا يولغا قويغان ئېمبارگولار سايىسىدا ئىراننىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېھران مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتمىغان ئەھۋالدا ۋاشىنگتوننىڭ يەنە ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر