باش كاتىپ گۇتېررېس ئېفىيوپىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس، ئېفىيوپىيەگە قاراشلىق ئەمھارا ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

1224208
باش كاتىپ گۇتېررېس ئېفىيوپىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس، ئېفىيوپىيەگە قاراشلىق ئەمھارا ۋىلايىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ ئېفىيوپىيەدە مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن بىئارام بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«باش كاتىپ گۇتېررېس، ئەمھارا ۋىلايەتلىك قوراللىق قىسىم باشلىقى سېرې مېكوننېن، ئەمھارا ۋىلايەت باشلىقى ئەمبېچېۋ مېكوننېن ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆلتۆرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ»دېيىلگەن باياناتتا، باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ ئېفىيوپىيەدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا  ب د ت نىڭ ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى ئەمھارا ۋىلايىتىدە ئۆتكەن شەنبە كۈنى كەچتە بىر قوراللىق گۇرۇھنىڭ ھەربىي- سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، لېكىن بۇ گۇرۇھنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىياسىي ئۆزگىرىش ئەسناسىدا ئەمھارا ۋىلايەتلىك قوراللىق قىسىم باشلىقى سېرې مېكوننېن بىلەن ئەمھارا ۋىلايەت باشلىقى ئەمبېچېۋ مېكوننېن ئۆلتۈرۈلگەن.


خەتكۈچ: #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر