30 -ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش يىغىنى چاقىرىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى 30 -ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىدۇ.

1222354
30 -ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 30 -ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىدۇ.

ياۋرپا ئىتتىپاقى باشلىقى دونالد تاسك، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تۈنۈگۈن باشلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كلاۋۇد جۇنكېر بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

دونالد تاسك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش مەسىلىسىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشەلمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

«ياۋروپا ئىتىتپاقى كومىتېتى باشلىق نامزاتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى»دېگەن دونالد تاسك، ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن 30-ئىيۇندا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كلاۋۇد جۇنكېر مۇنداق دېدى: «شۇنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ دەيمەنكى، مېنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئاسان ئەمەستەك تۇرىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقلىرىنى بېكىتىش مەسىلىسىدە گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىختىلاپ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى،  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقلىرىنى بېكىتىش چىقىشتا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ نامزاتلىرىنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

پارىژ ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قوللاپ كېلىۋاتقان خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتىنىڭ مەنپرېد ۋېبېرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى بولۇشىغا ئىجابىي قارىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر