فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1217098
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر