نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكا نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون (Manhattan) رايونىدا، بىر تىك ئۇچار ئېگىز بىناغا سوقۇلۇپ كېتىپ چۈشۈپ كەتتى.

1216216
نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون (Manhattan) رايونىدا، بىر تىك ئۇچار ئېگىز بىناغا سوقۇلۇپ كېتىپ چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە، ئۇچقۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

 نىيۇ يورك ئوت ئۆچۈرۈش (پاژارنى) ئىدارىسىنىڭ بۇب ھەقتىكى باياتىدا قەيت قىلىنىشىچە، بىر تىك ئۇچار مانخاتتوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تايمېس مەيدانى (Times) غا يېقىن جايدىكى ئېگىز بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋىتىگە سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن. تىك ئۇچار بىناغا سوقۇلغاندا، تىك ئۇچارغا ئوت كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن.

نىيۇ يورك ۋالىيسى ئاندجىرۇ كۇامو (Andrew Cuomo) مۇخبىرلارغا بەرگەن باياتىدا: «تىك ئۇچارنىڭ مەزكۇر بىناغا نېمە ئۈچۈن قونماقچى بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ نورمال قونۇش ئەمەس» دېدى.

نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دېى بلاسىيو (Bill de Blasio) بىناغا سوقۇلغان تىك ئۇچارنىڭ ئۇ يەردە ئۇچماسلىقى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر