ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا جاۋاب قايتۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا جاۋاب قايتۇردى.

1209758
ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا جاۋاب قايتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىران – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيانقى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان سۈركىلىشلەر ھەققىدە توختالغاندا قىلغان، «ئىراندا ھاكىمىيەت ئالمىشىشى توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتقىنىمىز يوق، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى خالىمايمىز، پەقەت مۇشۇ مەسىلىنىلا ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي ئۆز ۋاقتىدا يادرو قوراللىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق  پەتىۋا  بەرگەن، بۇ ئارقىلىق ئىراننىڭ  يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى <ب بىر گۇرۇپپىسى> نىڭ ئىقتىسادىي تېررورىزمى ئىران خەلقىگە ئېغىر زىيان سېلىۋاتىدۇ ھەمدە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. دونالد ترامپنىڭ نىيىتىنىڭ قانداقلىقىنى سۆزلەر ئەمەس، ئەمەلىىيەتلەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىران مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئىراندىكى نۇرغۇن شەخسلەرنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇلار ناھايىتى ياخشى كىشىلەر. ئىراننىڭ مەۋجۇت رەھبەرلىرى بىلەن تېخىمۇ قۇدرەت تېپىش ئىمكانىيىتى بار،  ئىراندا ھاكىمىيەت ئالمىشىشى توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتقىنىمىز يوق، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى خالىمايمىز، پەقەت مۇشۇ مەسىلىنىلا ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئالدىنقى باياناتلىرىدا، «ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى <ب گۇرۇپپىسى> دەپ ئاتىغان ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زايىد قاتارلىقلارنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىشى ئۈچۈن كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى» ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر