گىرېتسىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا «SYRIZA» پارتىيەسى چوڭ پەرق بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس: «ئىككىنچى ئايلانما يەرلىك سايلامدىن كېيىن پىرېزىدېنتتىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.
ئۇ «SYRIZA» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە سۆز قىلغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە يەرلىك سايلاملار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سايلام نەتىجىلىرىنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپ تۆۋەن چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نەتىجىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، ماڭا ياراشمايدۇ. كۈرەش قىلىشتىن ھېچقاچان قاچمايمەن. يەرلىك سايلاملارنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىن كېيىن پىرېزىدېنتتىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.
ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆكتىچى «يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى» بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ۋە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپ %57.6 بولغان.