خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەندى

خىتاينىڭ « Yaogan-33» ناملىق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش پىلانى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەندى.

1207489
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Yaogan-33» ناملىق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى دۆلەتنىڭ شەنشى ئۆلكىسىگە قاراشلىق تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش  مەركىزىدىن «‹ Long March )-4C › ئۇزۇن سەپەر» ناملىق راكېتا ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن.

سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن راكېتانىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، ئەمما ئۈچىنچى باسقۇچلۇق پائالىيىتىدە نورمالسىزلىقلار كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن. سۈنئىي ھەمراھ ۋە راكېتانىڭ قالدۇقلىرى يەرگە چۈشكەن.

سۈنئىي ھەمراھ ۋە راكېتانىڭ قالدۇقلىرىنىڭ قەيەرگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى،  ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاينىڭ كونتىرولدىن چىقىپ كەتكەن «‹تىيەنگوڭ -1› كۆك ساراي - 1» ناملىق ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسىمۇ بۇلتۇر ئاپرېل ئېيىدا جەنۇبىي تىنچ  ئوكيان تەرەپتە، ئاتمېسفورادا پاچاقلىنىپ كەتكەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھلىرى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئورۇن بەلگىلەش ۋە كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھلىرى، ئوربىتادا دائىمىي ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى، ئاي تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى، مارس ۋە يۇپىتېرنى كەشپ قىلىش لايىھەلىرى ئارقىلىق 2045 – يىلىغا بارغاندا «ئالەم بوشلۇقىنىڭ رەھبىرى» گە ئايلىنىشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر