ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقى» سەرلەۋھىلىك يازمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1206183
ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقى

ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: داڭلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئىبنى خەلدۇن دۆلەتلەرنى ئىنسانلارغا ئوخشىتىدۇ. ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش تۇغۇلىدۇ، چوڭ بولىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. ئوسمانلىى مۇتەپەككۇرى كاتىب چەلەبىمۇ ئوخشاش قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەرۋقە، ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. ناھايىتى كۆپ تەكرارلانغىنىدەك، ھاياتتىكى ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە ئۆزگىرىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

دەۋرىمىز دۇنياسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە (ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەخلاقىي پوزىتىسيە دېگەندەك) پىرىنسىپال جەھەتلەردە دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغان ئەھۋالى قالمىغاندەك كۆرۈنمەكتە. ھازىرقى شارائىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ساھەلەردە قايتىدىن دۇنيا رىقابەت سەھنىسىگە چىقىشىمۇ كۈتۈلمەيدۇ. شۇڭا دۇنيا لىدىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا تەتبىقلاۋاتقان يەرشارىلىشىشقا قارشى، بېكىك، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتە مۇداخىلىچى سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن پالچى بولۇشقا كېرەك يوق. بۇ خىل قورۇقچى سىياسەتلەرنىڭ ئېغىر ۋەيران قىلغۇچ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بىراق ئىجابىي، قۇرۇپ چىققۇچى، تەرتىپ ئورناتقۇچى سىياسەتلەر نۇقتىسىدىن ئالاقىدار دۆلەتلەرنى دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىنقى پىلانغا چىقارمايدىغانلىقىنى تارىخ بىزگە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ سۈركىلىشنى ئۇلغايتقۇچى، ئىقتىسادىي ۋە / ياكى ئەسكىرىي جەھەتتىكى مۇداخىلىچى سىياسەتلىرىنى خىتاي، غەرب دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى، تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئىلاۋەتەن، بۇ مەزگىلدە ئىرانغا قارىتا ھەددىدىن زىيادە كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ چىقىشى، ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، ھۇرمۇز بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن جىددىيلىشىشى، قارىمۇقارشى قاتتىق باياناتلار كۈچىيىپ كەتكەن سوغۇقچىلىقنىڭ كونكېرت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئىراننى يادرو قورالى ئىشلەپچىقارماسلىق توغرىسىدا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرماقتا ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالماقتا. دۇرۇس، ئىشلىتىلگەن تەقدىردە يالغۇز ئىنسانىيەتكىلا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە قىلغىنىدەك، پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان قوراللارغا ئىگە بولۇشنى ئەلۋەتتە ئاقىلانە دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشى قانچىلىك بىئاراملىق پەيدا قىلسا، ئىراننىڭمۇ بۇ قورالغا ئىگە بولۇشى ئادەمنى شۇنچىلىك بىئارام قىلىدۇ. رايوندا، خۇسۇسەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلكىدىكى شۇنداقلا ئىشلىتىۋاتقان خىمىيەلىك قوراللارنى كۆرمەي، پەقەت ئىراننىلا كۆرۈش، پىرىنسىپسىز بىر پوزىتسىيە بولۇش بىلەنلا قالماستىن ئىرانغا يوللۇقلۇق سالاھىيىتى بېغىشلىماقتا.

ئىران كېڭەيمىچىلىكى

 ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا ئىراننىڭ رايوندا يالغۇز قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئىراننىڭ مەزھەپچىلىكنى تايانچ قىلغان كېڭەيمىچى سىياسىتىدۇر. تۆت دۆلەت (ئىراق، يەمەن، سۈرىيە، لىۋان) نىڭ پايتەختى كونتروللۇقىمىزدا دېگەن ئىران، نۆۋەتتە تولىمۇ يالغۇز قالماقتا.

ئىران ۋە ئېمپىرىيالىست دۆلەتلەر بىر – بىرىگە تولىمۇ ئوخشايدىغان ئۇسۇللار بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا. ئۆزلىرىگە يېقىن قاتلاملارنى قۇترىتىپ، ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە مۇداخىلە قىلماقتا.

ئىراننىڭ مەزھەپچى پوزىتىيەسى ۋە كېڭەيمىچى سىياسەتلىرى، رايوندا ئىسرائىلىيەدىنمۇ بەك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ ئىسرائىلىيە مەركەزلىك سىياسەتلەرگە يۆنىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىراننىڭ مەزكۇر كېڭەيمىچى ۋە مۇداخىلىچى سىياسىتىدۇر. ئىران رايوندا ئىسرائىلىيەگە قانچىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ؟ ياكى يەتكۈزەمدۇ؟ بۇلارنى بەس – مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ. بىراق، ئىراننىڭ بۇ سىياسەتلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ مۇداخىلىسى

ئىراننى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ناھايىتى كۆپ جەھەتلەردىن ئەيىبلەشكە بولىدۇ. بىراق، ئىراننى ئەيىبلەش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە، قىلىنغۇسى مۇداخىلىسىگە ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەقلىقلىق ۋە يوللۇقلۇق بېغىشلىمايدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئادالەت مەركەزلىك نۇقتىئىنەزەرنى چىقىش قىلمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىران سىياسىتى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، 19 – ۋە 20 – ئەسىرنىڭ ئاساسلىق ئاتالغۇسى بولغان ئېمپىرىيالىزمنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە شەكىللەنمەكتە. ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۆرۈنۈشى، بىر بازار خوجايىنىنىڭ ئىندىئانلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىمىز. رايوندىكى بۇ خىل مۇداخىلىلەرنىڭ نەتىجىسى مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈمى، قان، كۆز يېشى، كۆچۈش ۋە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر شۇنداقلا ناھەق شارائىتلار تۈپەيلى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ ئەركىن كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغان ۋەزىيەت... بىلەن تۈگەنلەنمەكتە.

قىلىنغۇسى مۇداخىلىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرى

ئامېرىكا سۈركىلىشنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق كوزىرىنى كۈچەيتىشكە، ئىرانغا شەرتلىرىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگىنىدەك، مەسىلە ئەمەلىي جەڭگە ئايلانماسلىقى مۇمكىن. بىز بۇ سۈركىلىشنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، سايلامدا مەغلۇب بولۇش ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇشتىنمۇ ئېغىر ھېسابلىنىۋاتقان بىر دۇنيادا، ئەمەلىي جەڭنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىمۇ ئويلاشقا مەجبۇرمىز.

باشقا دۆلەتلەردىن كېيىن ئىرانمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرۇلغان، سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇلغان بىر ئوتتۇرا شەرقتە ھېچبىر نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېشىپ قالغان ئاخىرقى مۇقىملىق، خاتىرجەملىك قىرىندىلىرىمۇ پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئوتتۇرا شەرق، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چاغلاردىكىگە ئوخشاش، ئېمپىرىيالىست دۆلەتلەر ئات چاپتۇرىدىغان بىر رايونغا ئايلىنىدۇ. تۈركىيە بۇنداق ئەھۋالدا، سۈرىيە مەسىلىسىدىنمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ، بارلىق دۆلەتلەر پالەچ دۆلەتلەرگە، پارس قولتۇقى ئەللىرىمۇ قورچاق ھۆكۈمەتلەرگە ئايلاندۇرۇلغان بىر ئوتتۇرا شەرقتە، بۈيۈك ئىسرائىلىيە لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق ئامىل قالمىدى، دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىشىنىڭ، سۈرىيە مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاش، ئوتتۇرا شەرقتە بىرلا غالىبى بولىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمەس، ئىسرائىلىيەدۇر. ئىران تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان، ھەتتا ئامېرىكىنى كۈشكۈرتۈۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئىران خەۋپى تۈگىگەندىن كېيىن، خالىغىنىنى قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلمەيدۇ. ئەگەر بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىنى ساقلاپ قالالىسا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ قىسقۇچى ئاستىدا قالغان بولىدۇ.

تۈركىيە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

تۈركىيە، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ مۇداخىلىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ خىل مۇداخىلىلەرنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىق، ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى، رايوننى تېررور پاتقىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگىدۇر. تۈركىيە بۇ مەسىلىگە بۇ كۆزنەكتىن، شۇنداقلا ئادىل بولۇش نۇقتىسىدىن قاراپ، رايونغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىدە پىرىنسىپال پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلمەكتە. سۈرىيە، مىسىر، ئىراق، ئىران ... قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۇتقان پوزىتىيەسى ئادالەت مەركەزلىك سىياسەتلىرىنىڭ روشەن ئۈلگىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە نۆۋەتتىكى پىرىنسىپال پوزىتىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە ئونتولوگىيەلىك جەھەتتىن يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى پەيدا قىلىدىغان بۇنداق بىر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، خىتاي، رۇسىيە ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن، ھەتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىران بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، مەسىلىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەسسە قوشالىشى مۇمكىن.

تۈركىيە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىرازىلىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلدى. رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق مىليونلارچە سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۆچمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. تۈركىيە، ھىند تۆۋەن قىتئەسىدىن بالقان ئەللىرىگىچە، ئافرىقىدىن ئافغانىستانغىچە بولۇپ، دۇنيانىڭ ناھايىتى كۆپ دۆلىتىدە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ھەمنەپەس بولماقتا. خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە پىرىنسىپ بويىچە پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ئۇنچىۋالا كۆپ دۆلەت قالمىغان مۇشۇنداق شارائىتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈركىيە، ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشىدىمۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا ھەرخىل تىرىشچانلىقنى سەرپ قىلىپ، سىناپ كۆرۈشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر