ئامېرىكا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پۇقرالارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پۇقرالارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1205642
ئامېرىكا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پۇقرالارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا خىمىيەلىك قوراللار ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس سۈرىيە توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.»

ئورتاگۇس باياناتىدا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئەپسۇس 2019-يىلى 19-مايدا سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا خىلور گازىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. بىز ھازىر بۇ ۋەقە توغرۇلۇق دەلىل يىغىۋاتىمىز، ئەگەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى دەلىللەنسە بىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز دەرھال چارە قوللىنىدۇ.»

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىدە ئىدلىب رايونىغا ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئېيتقان ئورتاگۇس، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىكى توقۇنۇشلاردىن ئىدلىبكە قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى مورگان ئورتاگۇس يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك، پىرېزىدېنتىمىز 2018-يىلى سېنتەبىردە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى، بۇ قېتىم يەنە ئاگاھلاندۇردى، ئىدلىبتكى توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش رايونلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ۋەزىيەت تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، رۇسىيە دائىرىلىرى ئاق بارېتلىقلار ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، رۇسىيە  ئۆزى ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيەلىك قوراللار ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق يالغانلارنى توقۇماقتا.»

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2018-يىلى 24-نويابىردا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ھەلەبكە يېقىن جايدا خىمىيەلىك ھۇجۇم سادىر قىلغانلىقىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان ئورتاگۇس: رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتى پات-پات ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيەلەرچە سادىر قىلغان خىمىيەلىك قوراللار ھۇجۇملىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە، دېدى.

مورگان ئورتاگۇس يەنە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتلەر ھەممىگە ئايان، ب د ت مۇ سۈرىيەدە سادىر بولغان خىمىيەلىك قوراللار ھۇجۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى خۇلاسىسىگە كەلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر