ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئىستىخباراتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار 2 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

ئىراندا، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 2 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى.

1205500
ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئىستىخباراتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار 2 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى «ISNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران سوت مەھكىمىسى باياناتچىسى ھۇسەيىن ئىسمائىلى پايتەخت تېھراندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان.

ھۇسەيىن ئىسمائىلى ئىراندا ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى كىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى كىشىگە قاماق جازاسى بېرىش قارارى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىلگىرى ماقۇللاندى» دېدى. 

ھۇسەيىن ئىسمائىلى بۇ كشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ھەمدە بېرىلگەن جازالار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى.

ھۇسەيىن ئىسمائىلى ئىراندا ئەنگلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەنگلىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى كۈلتۈر پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان ئەنگلىيە كونسولخانا خادىمى ئارەس ئەمىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىش قارارى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ھۇسەيىن ئىسمائىلى ئارەس ئەمىرىنىڭ ئەنگلىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىدىن تەربىيە ئالغان ھەمدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى» دېدى. 

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئامىرى، ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىرانغا بارغان بولۇپ، 2018يىلى 14مارتتا دۆلەت مەنپەئەتىگە زىت پائالىيەتلەردە بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئەمىرىنىڭ كۈلتۈر خاراكتېرلىق نوپۇز ۋە ئۆزگىرىش لايىھەسىنىڭ باشقۇرۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالدىنقى ھەپتە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قوش پۇقرالىقى بولغان ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئورگانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسلى ئىرانلىق ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىرانغا زىيارەتكە بارماسلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر