سەدر: ئامېرىكا – ئىران ئۇرۇشى ئىراقنى ۋەيران قىلىدۇ

ئىراقتىكى «سەدر ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسەدر، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىغان تەقدىردە، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىراقنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1204680
سەدر: ئامېرىكا – ئىران ئۇرۇشى ئىراقنى ۋەيران قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەدر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مەن ئىران – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى خالىمايمەن. ئىراقنىڭ بۇ ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرىلىپ، ئىران – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايمەن. ھەممىمىز ئىراق خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلمىساق ۋە جىددىي پوزىتسىيە تۇتمىساق، ئۇ چاغدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز، شۇنىڭ بىلەن،  ئىران – ئامېرىكا ئۇرۇشى ئىراقنى ۋەيران قىلىدۇ. دەرۋەقە، نە ئىراقنىڭ، نە ئىراق خەلقىنىڭ قانداقتۇر بىرەر ئۇرۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرەلىگۈدك ھالى يوقتۇر. بىزنىڭ تىنچلىققا ۋە پاراۋانلىققا ئېھتىياجىمىز باردۇر، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئىراقنى ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرسە ۋە ئىراقنىڭ بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن ساھە بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئىراق خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ، ئىرانمۇ ئۇرۇشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇرۇش پارتلىشى ئۈچۈن ئىغۋاگەرلىك قىلىنماسلىقى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر