ئاۋسترىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز، ئاشقۇن ئوڭچىلار پارتىيەسى – ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى بىلەن ئورنىتىلغان بىرلەشمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1203911
ئاۋسترىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ
Alexander Van der Bellen.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سابىق باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى باشلىقى ھېئىنز كىرىستىيان ستراچنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى بىلەن ياخشى بىرلەشمە قۇرۇپ چىققانلىقلىرىنى، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئاشقۇن ئوڭچى پارتىيەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كۆپلىگەن ئىرقچى ۋە چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكى ۋەقەسىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ستراچ ھەققىدە ئالدىنقى كۈنى ۋىدېئو ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ئەمدى بۇلار» دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنداق شارائىتتا ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەنمۇ خېلى كۆپ مەسىلىدە چۈشىنىشەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن كۇرز، «پىرېزىدېنت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمدا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى لازىملىقىنى ئېيتتىم، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىر قىسىم گېرمان گېزىتلىرىدە، ستراچېنىڭ 2017 – يىلىدىكى سايلاملاردىن بۇرۇن رۇسىيەلىك باي بىر ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر ئېلان قىلىنغان، ستراچېنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەردە سايلامدىن بۇرۇن پارتىيەسىگە ياردەم قىلىنغان تەقدىردە، دۆلەتنىڭ بەزى لايىھەلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى رۇسىيە بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ستراچې خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، باش مىنىستىر ياردەمچىلىكى، پارتىيە باشلىقلىقى قاتارلىق بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر