ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا قاتنايدىغان بارلىق ئايروپىلانلارنى توڭلاتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ۋېنېزۇئېلاغا قاتنايدىغان بارلىق يولۇچى ۋە ترانسپۇرت ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.

1202185
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا قاتنايدىغان بارلىق ئايروپىلانلارنى توڭلاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋەكىلى كېۋىن مىك ئالېناننىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەم يولۇچىلارغا ھەم ئايروپىلان خادىملىرى ۋە ئەترىتىگە نىسبەتەن خاتىرىجەملىك ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ۋە ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان بارلىق سودا، ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش قارار ئېلىندى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پوپىئونىڭمۇ مەزكۇر قارارنى تەستىقىلغانلىقى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنڭىۇ ئىجرا قىلىشنى باشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «بۇ قارار ۋېنېزۇئېلادا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى شۇنداقلا يۇقىرى ئۆرلىگەن جىددىيچىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ قارار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ۋېنېزۇئېلاغا قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ خەۋپلەرگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر» دېيىلدى.

باياناتتا ئايروپىلان قاتناشلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلانغانغا قەدەر توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

ۋېنېزۇئېلا مۇشۇ يىلنىڭ بېشدىن تارتىپلا چوڭ بىر سىياسىي كىرىزىسكە مۇبتىلا بولغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ 30 - ئاپرىلدا ھەربىي ۋە ئاممىۋىي بىر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى.

ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدو ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىش جازاسىغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا، لا كارلوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئالتامىرا كۆۋرۈكى ئۈستىگە يېتىپ بېرىپ، ئۆكتىچى رەھبەر لېئوپولدو لوپېز ۋە بىر گۇرۇپپا ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ۋە خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ شۇ كۈنى كوچىلارغا چىقىپ پىرېزىدېنتلىق سارىيى مىرافلورېس ئەتراپىغا توپلانغان بولۇپ، كەچكە يېقىن ئۆكتىچىلەردىن لوپېز دەسلەپتە چىلى ئەلچىخانىسىغا ئاندىن ئىسپانىيەنىڭ باش ئەلچىخانىسىغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى.

ئۆكتىچى رەھبەر گۇايدۇ بولسا، ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىپ، خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى يەنە نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر