ئەردوغان تۈركىيە - ئىراق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق بىلەن بىر ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ كېلىشىمى تۈزۈلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1202079
ئەردوغان تۈركىيە - ئىراق ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشلاردا بولغاندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئەردوغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، «ئىراقنىڭ ئۇل - ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىىپىدىن ۋەيران قىلىپ تاشلانغان كەركۈك - جەيھان نېفىت تۇرۇببا لىنىيىەسىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدۇق» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە ئىراق ئوتتۇرىسىدا بىر ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا دائىر قارار ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدىمۇ «ھەرقانداق شەكىلدە تۈركىيەگە قارىتا بېزىنىڭ زېمىنىمىزدىن بىرەر بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ شەكىللىنىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر