ئامېرىكا ئىراقتىكى دىپلوماتلىرىغا دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىخانىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك بارلىق خادىملارنى ئىراقتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

1201906
ئامېرىكا ئىراقتىكى دىپلوماتلىرىغا دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، ئىران بىلەن بەسرە بوغۇزىدا كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ھەربىي سۈركىلىش تۈپەيلى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلاردا زۆرۈرىي شۇنداقلا جىددىي ۋەزىپىسى بولمىغان بارلىق خادىملارنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

يوليورۇق ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىراننىڭ ۋە رايوندا ئۇنىڭ نامىدىن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن چۈشۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى «كۈچىيىپ كېتىۋاتقان سۈركىلىش» يۈزىسىدىن ئىراققا ساياھەتكە بارماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر