ئىران بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان سودا پاراخوتلىرى ۋەقەسىنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، پەرقلىق دۆلەتلەرنىڭ 4 سودا پاراخوتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىن جايدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ «ئەندىشە» ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1200312
ئىران بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان سودا پاراخوتلىرى ۋەقەسىنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسەۋى، ئومان دېڭىزىدا 4 سودا پاراخوتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ۋەقەنىڭ دېڭىزچىلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئۆتۈش بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇسەۋى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغانلارغا، يامان نىيەتلىكلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىگە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئويۇنلىرىغا قارىتا رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھوشيار بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 4 نورمال سودا يۈك پاراخوتىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەلفۇجەيرا پورتىغا يېقىن يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ۋەقەنىڭ ئادەم ئۆلۈش ياكى پاراخوتلارنىڭ زەھەرلىك ماددا ۋەياكى يېقىلغۇ تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولغۇدەك زىيانلارغا ئۇچرىمىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، باشقا تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمەستىن، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

فۇجەيرا پورتى ھۇرمۇز بوغۇزىغا 70 مىل يىراقلىققا جايلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر