رۇسىيە باشقا دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن ھەھكارلىشىشقا چاقىردى

رۇسىيە ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

1198593
رۇسىيە باشقا دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن ھەھكارلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق بەرگەن بەزى ۋەدىلىرىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىشىنى موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا چۈشىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىرانغا قارىتا يولغا سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا بۇلتۇر يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، ئارقىدىن ئىرانغا ئېمبارگو يولغا قويۇشقا باشلىدى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە ئىران بىلەن نورمال ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتماسلىق ئۈچۈنمۇ بېسىم ئىشلەتتى، بىز ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمىز.»

تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە ئۆزىگە يارىتىپ بېرىلگەن بەزى ئىقتىسادىي ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنالماي كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىندى: «كېلىشىمنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىراننىمۇ كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىككە چاقىرىمىز.»

ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «چەت دۆلەتلەر ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى لازىم.»

باياناتتا يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سودا پايچىكلىرىنى قوللاش مىخانىزمىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ مىخانىزم دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك، ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرى بولغان بارلىق دۆلەتلەر بۇ مىخانىزمنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.»

موسكۋا بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا يادرو ساھەسىدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ئىراننىڭ بۇ شەھر يادرو ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە فوردو ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش لايىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يادرو كېلىشىمىدىن 2018-يىلى ماي ئېيىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو قويۇشقا باشلىغانىدى.

 


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر