ب د ت: ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق، رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكىگە ھەسسە قوشقان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1198050
ب د ت: ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىغا ئالاقىدار ئەھدىلىرىنى قىسمەن توختىتىپ قويۇش قارارى توغرىسىدا توختالدى.

JCPOA دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش ساھەسىدىكى ناھايىتى زور دىپلوماتىك ئۇتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فەرھان ھەق، «JCPOA، رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشتى. باش كاتىپ كېلىشىمنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىندا يولغا قويغان ئېمبارگو قارارىدىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئەھدىلىرىنى قىسمەن توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يادرو كېلىشىمىنىڭ 26 – ۋە 36 – ماددىلىرىدىكى ئەھدىلەرنى توختىتىش قارارىمىز، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 4 – مايدا چىقارغان يېڭى ئېمبارگو قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ ئېمبارگولار بىلەن مەزكۇر ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراق يادرو كېلىشىمىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقى ۋە بۇ پوزىتسىيەنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر