ئىران يادرو پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگوسى ئاستىدىكى ئىران يادرو پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن قىسمەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1197631
ئىران يادرو پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە باش ئەلچىخانىلىرىغا يادرو پائالىيەتلىرىنى تەكرار باشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە، 60 كۈن ئىچىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە يادرو كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ، ئىران ۋە دۇنياغا نىسبەتەن تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئىران يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ئەھدىلىرىدە تۇرماسلىقنى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىماقتا.»

دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ پايتەخت موسكۋادىكى ۋنۇكوۋو ئايرودۇرۇمىدا ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بايانات بەرگەن زەرىف، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى، شۇڭا يادرو كېلىشىمىنىڭ 26 – ۋە 36 – ماددىلىرى دائىرىسىدە ئىراننىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئاساسەن رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ئەھدىلىرىدە تۇرماسلىق ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران بىلەن 2015 – يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى، تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسىگە چەكلىمە قويۇش بەدىلىگە ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشنى نىشان قىلاتتى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن 2018 – يىلى ماي ئىېيىدا ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرىدىن كېلىشىمنىڭ داۋامى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تېھېران ھۆكۈمىتى، مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە، كېلىشىمگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر