ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تۇخۇم ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسون 18 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام خىزمەتلىرىنىڭ مەكىزى ئالبۇرىي شەھىرىدە بىر ئايالنىڭ تۇخۇم ئېتىپ قىلغان ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى.

1196555
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تۇخۇم ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر سىكوت موررىسون يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئىشتاتىغا قاراشلىق ئالبۇرىي شەھىرىدە دۆلەتلىك ئاياللار بىرلىكى «CWA» تەرىپىدىن ئۆـكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىۋاتقان پەيتتە، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان 25 ياشلىق بىر ياش ئايال قولىدىكى توخۇمنى ماررىسوننىڭ بېشىغا ئاتتى.

ۋەقەدىن كېيىن قوغدىغۇچىلار دەرھال زالدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە ساقچىلار تەرپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان مەزكۇر ئايالنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   

باش مىنىستىر سىكوت موررىسون ۋەقە جەريانىدىكى مالىمانچىلىقتا يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن بىر ياشانغان ئايالنى يۆلەپ، ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى ۋە ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئالبۇرىي ۋەقەسى ھەققىدىكى بۈگۈنكى مېنىڭ ئەندىشەم يەرگە يىقىلغان ئايالنىڭ ئەھۋالى ئىدى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم ۋە باغرىمغا باستىم» دېدى.

مەركىزىي ئۆكتىچىلەر رەھبىرى بىل شورتېن باش مىنىستىر سىكوت موررىسونغا قىلىنغان ھۇجۇمنى «قورقۇنچلۇق ۋە نۇمۇس قىلارلىق بىر پوزىتسىيە» دەپ تەرىپلىدى ھەمدە «ئىنسانلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بىراق زوراۋانلىق بىلەن ئىش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

دۆلەتلىك ئاياللار بىرلىكى «CWA»مۇ باش مىنىستىر سىكوت موررىسونغا تۇخۇم ھۇجۇمى قىلغان ئايالنىڭ بىرلىككە ئەزا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر