ناتو باش كاتىپى: ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش دۆلەتنىڭ مىللىي قارارى ھېسابلىنىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، رۇسىيەدىن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

1195323
ناتو باش كاتىپى: ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش دۆلەتنىڭ مىللىي قارارى ھېسابلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېنس ستولتېنبېرگ 6 -، 7 – ماي كۈنلىرىدىكى تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «قىيىن خەۋپسىزلىك سىناقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ناتو ئىتتىپاقداشلىرى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر. تۈركىيەمۇ ناتوغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز دىيالوگىنىڭ 25 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ بىر خۇسۇسىي يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەبكە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى، دۆلەتلەرنىڭ مىللىي قارارلىرى ھېسابلىنىدۇ، بىراق، ئىتتىپاقداش قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە خىزمەت قىلالايدىغان بولۇشى ناتوغا نىسبەتەن ھەربىي ھەرىكەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئامىلدۇر.» دېدى.

يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، پۈتكۈل ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناتو باش كاتىپى يەنە، «ئىتتىپاقىمىزغا قوشقان بارلىق تۆھپىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىمەن» دېدى.

يېنس ستولتېنبېرگ، زىيارەت دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر