پومپېيو بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايوننىڭ مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1193562
پومپېيو بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس مايك پومپېيونىڭ ياۋروپا زىيارىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ، پومپېيونىڭ بىرىنچى بولۇپ 6 – مايدا فىنلاندىيەگە بېرىپ ئاركتىك كېڭىشىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بېرلىنغا ئۆتۈپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مايك پومپېيو بىلەن ئانگېلا مېركېلنىڭ 7 – مايدىكى ئۇچرىشىشىدا، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، خىتاي، سۈرىيە ۋە غەربىي بالقان رايونلىرىغا ئالاقىدار ئورتاق ئەندىشىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن مايك پومپېيونىڭ 8 – مايدا لوندونغا بېرىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمي ھانت بىلەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 9 – مايدا گرۆنلاندقا بارىدىغان پومپېيو، ئۇ يەردە گرۆنلاند باش مىنىستىرى كىم كىئېلسېن، گرۆنلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانې لونې باگگېر ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندېرس سامۇلېسېن بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي قۇتۇبتىكى ئورتاق خىزمەتلەر ۋە گرۆنلاند بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر