ئامېرىكا ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى جوئېل رايبۇرن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1192453
ئامېرىكا ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر زىيارەت توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشلارنىڭ 2 – مايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جېيمس جېفرېينىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىۋاتقان مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇچرىشىشتا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مۇقىملىق ئورنىتىش، بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدىغانلىقى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيىتىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتىن باشقا، ئۆزئارا مەنپەئەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جېيمس جېفرېي ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئەنقەرەدىكى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە بېرىپ، مىسىر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم سۈرىيەلىك گۇرۇپپىلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بۆلۈمىدە، «ھەيئەتلەر داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، بولۇپمۇ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە دۆلەت مىقياسىدىكى توسالغۇسىز ئىنسانىي ياردەمگە بولغان ئېھتىياج شۇنداقلا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، جەنۋە مەركەزلىك سىياسىي چارە تېپىش مۇساپىسىگە ھەمدەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر