ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1192547
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دائېشقا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 22 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نانگارھارنىڭ خوھيارى ناھىيەسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا دائېش ئەزاسى 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تەشكىلاتقا تەۋە 4 ئوق – دورا ئىسكىلاتىنىڭمۇ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تەشكىلاتنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر