ئىران يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

ئىران دائىرىلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىگە قارشى يادرو قوراللىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1192108
ئىران يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، «ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ ساندا تاللاش يولى بار. ئەمەلدارلىرىمىز بۇلارنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ... ۋە بۇ تاللاشلارنىڭ بىرى يادرو قوراللىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىش» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ، تېھران دائىرىلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى.

ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئىراندىن نېفىت ئېمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرگە نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى ۋە داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ماي ئېيىدا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران، ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان چېغىدا، ۋاشىنگتونغا يادرو قوراللىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر