سۈرىيە كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنى داۋاملاشماقتا

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندا چاقىرىلغان 12 – نۆۋەتلىك «سۈرىيە كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنى» كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ھەربىي ئۆكتىچى ھەيئەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا.

1190407
سۈرىيە كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى بەششار جەفەرى باشچىلىقىدىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي ئۆكتىچى ھەيئەتلەرمۇ ئايرىم – ئايرىم مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردى.

ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئۈچ تەرەپ مۇزاكىرىلىرى باشلاندى.

تۈركىيە ھەيئىتىگە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال، رۇسىيە ھەيئىتىگە، پىرېزىدېنت پۇتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىئېۋ، ئىران ھەيئىتىگە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئەشگەر ھادجى رەھبەرلىك قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېن تۇنجى قېتىم قاتناشقان مۇزاكىرىلەرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، قىزىل كىرېسىت  جەمئىيىتى ۋە ئىيوردانىيە ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىدلىبتا سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ ۋەزىيىتى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشى، ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئاستانادا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مۇزاكىرىلەر 2017 – يىلى يانۋاردىن بۇيان داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر