ئىران: ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىراننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز

ئىران، ھېچبىر دۆلەتنىڭ نېفىت بازىرىدا ئىراننىڭ ئورنىنى بېسىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1189840
ئىران: ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىراننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنى قوللىغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەھرەيننى ئەيىبلىدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئېمبارگوسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەھرەيننىڭ كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتىدا ئىككى پارس قولتۇقى دۆلىتىنى ئەيىبلىگەن مۇسەۋى، «ئىران ھېچبىر دۆلەتكە نېفىت بازىرىدا ئورنىنى ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ ۋە كېلىپ چىقىدىغان ھەرتۈرلۈك ئاقىۋەتنىڭ جاۋابكارلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە ئائىت بولىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ تارىخىي باسقۇچتىكى دۈشمەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىككى كۈن ئىلگىرى 37 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇسەۋى، رىياد دائىرىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى سايىسىدا رايوندا ئىغۋاگەر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئاقساراي دۈشەنبە كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران نېفىت ئېمبارگوسىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان تۈركىيە قاتارلىق 8 دۆلەتكە يېڭى كەچۈرۈم ھەققى بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەھرەيىن ھۆكۈمەتلىرى سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىت ئېمبارگوسىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان 8 دۆلەت توغرىسىدىكى يېڭى قارارىنى قوللاپ بايانات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر