ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدانغا بەرگەن مۆھلەتنى ئۇزارتتى

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشىگە بەرگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە 3 كۈن ئۇزارتتى.

1188658
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدانغا بەرگەن مۆھلەتنى ئۇزارتتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشىگە ھاكىمىيەتنى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە 3 كۈن ئۇزارتتى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە يىغىن چاقىردى.

مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مېنانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مىسىر پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى بەسسام رادىنىڭ يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشىگە ھاكىمىيەتنى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ يەنە 3 كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ناۋادا سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭىشى بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە، سۇداننىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزالىقى توڭلىتىۋېتىلىدۇ.

يىغىنغا چاد، جىبۇتى، رىۋاندا، كونگو، سومالى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى، شۇنداقلا ئېفىيوپىيە، جەنۇبىي سۇدان، ئۇگاندا، كېنىيە، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

سۇداندا بۇلتۇر 19-دېكابىردا ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى باشلىغان نامايىشلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پايتەخت خارتۇم ۋە مەملىكەت مىقىياسىدا ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كېتىشىگە قارىتا، سۇدان ئارمىيەسى 11-ئاپرېلدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلاپ، 30 يىللىق ئۆمەر بەشىر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر