ئىران ئارمىيەسى «دۈشمەنلىرى»گە دۇئېل ئېلان قىلدى

ئىران ئارمىيەسى «مەملىكەتلىك ئارمىيە كۈنى»مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىملىرىدا «دۈشمەنلىرى»گە دۇئېل ئېلان قىلدى.

1185760
ئىران ئارمىيەسى «دۈشمەنلىرى»گە دۇئېل ئېلان قىلدى
iran ordusu4.jpg
iran ordusu3.jpg
iran ordusu2.jpg
iran ordusu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسى «مەملىكەتلىك ئارمىيە كۈنى»مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىملىرىدا «دۈشمەنلىرى»گە دۇئېل ئېلان قىلدى.

18-ئاپرېل مەملىكەتلىك ئارمىيە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 1979-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ رۇھۇللاھ ھۇمەينىنىڭ پايتەخت تېھراندىكى مەقبەرەسى ئالدىدا، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ قاتناشقان ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

رۇھانى مۇراسىمدا سۆز قىلغاندا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: رايون خەلقى ئەسىرلەردىن بۇيان بىرلىكتە ياشاپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە مەسىلە چىقىپ باقمىدى، بىز قېرىنداشلارچە ياشىدۇق، قوشنىدارچىلىق ھەققىمىزنى ئادا قىلدۇق، رايونىمىزدا چىققان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىدۇر، دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆزىگە تەسلىم بولمىغان ۋە جاھانگىرلىكىنى قوبۇل قىلمىغان مىللەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ، بىز بىرلىشىپ ئىشغالىيەتچىلەرنى رايونىمىزدىن تازىلىشىمىز كېرەك.»

ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىملىرى پايتەخت تېھراندىن سىرت، ئىراننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 8-ئاپرېلدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىمۇ دەرھال ئامېرىكا مەركەز ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەنىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر