بەششار ئەسەد ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى

بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىست گۇرۇپپىلار، زەمبىرەك، راكېتامىيوت ۋە مېنامىيوتلار بىلەن «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگراسى ئىچىدىكى تۇرالغۇلارنى بومباردىمان قىلىشنى توختاتمىدى.

1185283
بەششار ئەسەد ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىسىملىرىنىڭ «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» چېگراسى ئىچىدىكى ئەبۇ ھاببە ۋە ئەل ھامادانىيە يېزىلىرىغا قىلغان بومباردىماندا يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

«سۈرىيە مۇداخىلە كوردىناتسىيەلىرى» ناملىق يەرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم ئەۋجىگە چىققان 9-فېۋرالدىن 6-ئاپرېلغىچە 25 مىڭ 776 ئائىلىدىن 160 مىڭ 583 كىشى ئەتراپتىكى تۇرالغۇ رايونلىرىغا ۋە تۈركىيە چېگرا لىنيەسىدىكى جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. مارت ئېيىدا 135 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى 2018-يىلى 17-سېنتەبىر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاستانا كېلىشىمى بويىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. قوراللىق ئۆكتىچىلەر 2018-يىلى 17-سېنتەبىر ئىمزالانغان سوچى كېلىشىمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 2018-يىلى 10-ئۆكتەبىر ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى رايوندىن چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر