نىگېرىيەدە بىر يېزا ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ ناساراۋا ۋىلايىتىدىكى نۇما يېزىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 15 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1183915
نىگېرىيەدە بىر يېزا ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەنىڭ ناساراۋا ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 15 ئادەم ئۆلۈپ، 14 ئادەم يارىلاندى.

ناساراۋا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئۇمار شەخۇ نادادا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۇما يېزىسىغا كىملىكى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نادادا: يېزىدا پائالىيەت بولىۋاتقاندا كىملىكى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 15 ئادەم ئۆلۈپ 14 ئادەم يارىلانغان، دېدى.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتقان نادادا، ۋەقە توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نىگېرىيەدە كېيىنكى كۈنلەردە ئەۋجىگە چىققان قوراللىق ھۇجۇملار تۈپەيلى ھۆكۈمەت زامفارا، كەببى، كاتسىنا، نىگېر ۋە سوكوتو قاتارلىق ۋىلايەتلەردە قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ: #نىگېرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر