ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھەيئىتى باشلىقى كىرىستىيان بېرگېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1183547
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھەيئىتى باشلىقى كىرىستىيان بېرگېر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى بېرگېر بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى مارتىن ئېردمەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە توختالدى.

بېرگېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: سۈرىيە كىرىزىسنىڭ قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىز ھەممىمىز ئوخشاش بىر كېمىدە تۇرۇۋاتىمىز، دېدى.

سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئىگە چىققان تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان بېرگېر مۇنداق دېدى: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سۈرىيەلىكلەرمۇ تۈركىيەدىن چوڭقۇر مىننەتدار.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن بېرگېر، 3 مىليارد ياۋرونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، 2016-2017 يىللىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 3 مىليارد ياۋرونىڭ بولسا ھەم تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن توختام تۈزۈلگەندىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى بېرگېر، سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىش كېتىشى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا قارىتا، سۈرىيەدىكى كىرىزىسقا ھازىرغىچە چارە تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ: ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىدىن تولۇق خەۋىرىمىز بار، بۇ سەۋەبتىن ھەم سۈرىيەلىكلەرگە ھەمدە ساھىبخان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىمىز، دېدى.

گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى ئېردمەنمۇ مۇنداق دېدى: «3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىككە ساھىبخانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، بۇ ئېغىر يۈكنى ئۆز ئالدىغا كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۈرىيەلىكلەرگە بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر