ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۇ ۋە ئېلېكتىر سىستېمىلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1183418
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ يازما باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، «ئىران ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكانىڭ 19-ئەسىردىكىگە ئوخشاش، لاتىن ئامېرىكانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا شۇنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ: پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش لاتىن ئامېرىكا خەلقىمۇ ئويغاندى، پەلەكنىڭ چارقى تەتۈر چۆرگىلىمەيدۇ. ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ 30 مىليارد دوللار تاشقى پېرېۋوتىنى بۇلاش ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى ئىقتىسادىي تېررورلۇقنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇردى. ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان قىلىشنى ياكى ئاچارچىلىققا چىداش يولىدىن بىرنى سۇنماقتا» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن (14-ئاپرېل) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىراننىڭ «ماھان» (Mahan Air) ھاۋا يوللىرى شىركىتى 8-ئاپرېل (2019) تېھراندىن ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاسقا بىۋاستە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر