ئەرەب ئىتتىپاقى سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەرەب ئىتتىپاقى سۇداندىكى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنى سۇداننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوللاشقا چاقىردى.

1183228
ئەرەب ئىتتىپاقى سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي مىسىر پايتەختى قاھىرەگە جايلاشقان ئەرەب ئىتتىپاقى سۇداندىكى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.  باياناتتا، سۇدان ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھاننىڭ باسقان قەدەملىرىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋاد بىن ئاۋف 11-ئاپرېل (پەيشەنبە) سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئالىي خەۋپسزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئىككى يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، ئاۋاد بىن ئاۋف مەزكۇر باياناتىنى ئېلان قىلىپ ئارىدىن 24 سائەت ئۆتمەستىن ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ئورنىغا ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھاننى سايلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىن ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشىنىڭ رەئىسى بولغان بۇرھان شەنبە (13-ئاپرېل) كۈنى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشىنىڭ نامىدا قارارنامە ئېلان قىلىپ، سەككىز كىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارمىيەدىن ئالتە، ساقچى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىلىرىدىن بىردىن ئەزا بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت توغرىسىدىكى باياناتتا، يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

سۇدان 2018-يىلى 19-دېكابىردىن تارتىپ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە قارشى ۋە ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنغان نامايىشلارغا سەھنە بولماقتا ئىدى.

ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ پايتەخت خارتۇمدا ئۆيدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر