ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇداندا ھاكىمىيەتنى پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇداندا خەلقنىڭ ئىسلاھات تەلىپىنى ھەربىي كېڭەشنىڭ قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي كېوەشتىن ھاكىمىيەتنى پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى.

1182085
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇداندا ھاكىمىيەتنى پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سۇدان خەلقىنىڭ ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان تىنچ نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافرىقا ئەللىرى ئىتتپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇسا فاقى مۇھەممەدنىڭمۇ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەھدىنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلغان ھەربىي كېڭەشنىڭ خەلقنىڭ ئىسلاھات تەلىپىنى قاندۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. سۇدان خەلقىنىڭ  تەلىپىنى پەقەت ئىشەنچىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك سىياسىي باسقۇچلا قاندۇرالايدۇ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەتنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتقىچە بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەۋز ئىبنى ئەۋف، ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ۋە 2 يىللىق ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر