30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلدى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ 30-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن تۇنىستا 13 رەھبەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلىدى.

1174117
30-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى باجى قايىد ئەس-سىبسى، ئەرەب زېمىنلىرىنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن، شۇنداقلا تېررورلۇق ئەڭ ئەۋجىگە چىققان رايونلاردىن بىرى بولۇپ  قالغانلىقىدىن تولىمۇ بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇنىستا چاقىرىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان تۇنىس پىرېزىدېنتى باجى قايىد-ئەس سىبسى، ئەرەبلەردىكى مەسىلىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

تېررورىزمنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تېررورىزمغا قارشى كەڭ دائىرلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان سىبسى: ئەرەب زېمىنلىرىنىڭ توقۇنۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە تېررورلۇق ئەۋجىگە چىققان رايونلاردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ بىئاراممەن، رايونىمىزدىكى بارلىق كىرىزىسلەردىن بۇرۇنراق قۇتۇلۇشىمىز كېرەك، پەلەستىن مەسىلىسى ھەل بولغاندا دۇنيادا تولۇق مەنىدە مۇقىملىق بەرپا بولىدىغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوبدان تەشۋىق قىلىشىمىز لازىم، دېدى.

سىبسى خەلقئارانىڭ  سۈرىيەدىكى گولان تۆپىلىكىنى  ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەرەب زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللا پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ رايوندا ئامانلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان پادىشاھ ئابدۇللا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ۋىجدانىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىيوردانىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ تارىخى ۋە كىملىكىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئابدۇللا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ 30-نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن تۇنىستا 13 رەھبەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر