«پارس قولتۇقى كىرىزىسى رايون ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1167576
«پارس قولتۇقى كىرىزىسى رايون ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولىۋاتقان مايك پومپېيو، كۇۋەيتلىك مەنسەبدېشى ساباھ ئەل خالىد ئەل ھامىد ئەس ساباھ بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پومپېيو: پارس قولتۇقى كىرىزىسى رايون ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پومپىيو مۇنداق دېدى: «دائېش، ئەل قائىدە ۋە ئىران قاتارلىق كۈچلەردىن ھەممىمىزگە تەھدىت كېلىۋاتىدۇ، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ۋە پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومېيو، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەل ئەھمەد ئەل جابىر ئەس ساباھنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۇۋەيت بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پومپىيو: ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى.

ئەل قائىدە ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەردە كۇۋەيتنىڭ مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پومپېيو، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى مەزمۇن قىلىدىغان كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساباھمۇ ئامېرىكا بىلەن كۇۋەيتنى بىر-بىرگە باغلاپ تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئۈسىتىدە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە كۇۋەيتنى قوللاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ساباھ: ئامېرىكادىكى دوستلىرىمىزنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن  ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

كۇۋەيتكە ئالدىنقى كۈنى كەلگەن پومپېيو، تۈنۈگۈن ئەتىگەن كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەل ئەھمەد ئەل جابىر ئەس ساباھ بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر