ئامېرىكا يەمەندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ

ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسى، ھۆكۈمەتنىڭ يەمەندىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ياكى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بارلىق ھەربىي خادىملىرىنى 30 كۈن ئىچىدە قايتۇرۇپ كېلىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

1163400
ئامېرىكا يەمەندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقىرى پالاتادا 46 گە قارشى 54 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان لايىھەگە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سىياسەتلىرىگە قارشى تاشلانغان مۇھىم قەدەم، دەپ باھا بېرىلدى.

لايىھە، ئەلقائىدەگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلاردىن باشقا يەمەندىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە چېكىندۈرۈلۈشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

لايىھەنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن، پالاتانىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان ئاۋام پالاتانىڭمۇ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ. لايىھەنىڭ، كۆپ سانلىقى دېموكراتچىلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ئاۋام پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكىنىڭ يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش دائىرىسىدە رىيادقا قىلغان ياردىمى ئامېرىكا پالاتاسىدا ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاشلارغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. پالاتا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر لايىھە، ئۇ چاغدا كۆپ سانلىقنى جۇمھۇرىيەتچىلەر تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پالاتا تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.

نويابىر ئېيىدىكى ئارا سايلاملاردىن كېيىن يېڭىلانغان يۇقىرى پالاتا ۋە ئاۋام پالاتادا مەزكۇر يەمەن لايىھەسىنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئۆتكەن ئاي، ئامېرىكىنىڭ يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ياردەم قىلىشنى توختىتىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر