لاۋروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ 12 – مارت كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى.
1161251
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹ Sputnik› خەۋەرلەر تورى»، نىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، لاۋروۋنىڭ 12 – مارت كۈنى تۈركىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، ئۇنىڭ خىزمەت پىروگراممىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبلىك 18 – مارتقا كېچىكتۈرۈلگەن.
زىيارەت ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن پۈتۈشۈش نەتىجىسىدە قارار چىقىرىلغان.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 12 – 13 – مارت كۈنى ئانتالياغا كېلىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.
ئىككى مىنىستىر، رۇسىيە – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلاش گۇرۇپپىسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلاتتى.