شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ قسىمەن چېقىپ تاشلىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ۋە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1158173
شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن ئامېرىكا مەركەزلىك ئىككى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنى، سوخائې ئىستانسىسىدىكى (توڭچاڭ رى) راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش سوپىسىنى قايتىدىن ياساش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ جەنۇبىي كورېيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋاشىنگتوندىكى 38 نورت ئىسملىك بىر كۆزىتىش ئورنىمۇ، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق  ئىستانسىدا 16 – فېۋرالدىن 2 – مارتقىچە بولغان جەرياندا جىددىي خىزمەت ئىشلەنگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزىمۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشى نەتىجىسىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ مەزكۇر ئورۇننى «تېز سۈرئەتتە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش» قا بەل باغلىغانلىقى قانائىتىنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر ئورۇننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىرىنچى قېتىم 2018 – يىلى 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا، ئىككىنچى قېتىم 2019 – يىلى 27 -، 28 – فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامدا بولۇپ جەمئىي ئىككى قېتىم كۆرۈشتى.

لىدىرلارنىڭ ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى، پىيوڭياڭنىڭ ھەرتۈرلۈك يادرو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىندى.

بۇ جەرياندا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، پىيوڭياڭ يادرو پىلانىنى توختاتمىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمارگوسىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

«بۇنى خالىمىسا... پىرېزىدېنت ترامپنىڭ  كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ناھايىتى روشەندۇر» دېگەن بولتون، «ئەگەر  يادرو پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلمىسە، ئىقتىساد ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدۇ ۋە بۇ ئېغىرلاشتۇرۇلغان ھالدا داۋاملىشىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر