كانادا پ ك ك غا ياردەم قىلغان فوندى جەمئىيەتنى جازالىدى
كانادا خەلقتىن يىغقان ياردەم پۇللىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا يوللىغانلىقى ئىسپاتلانغان «‹ئانادولۇ› مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە جايلاشقان ۋە 2011 – يىلدىن بۇيان «خەيرىيەت جەمئىيىتى» نامىدا خەلقتىن پۇل يىغقان فوندى جەمئىيەتنىڭ ھېسابات ئىشلىرى كانادا باج ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى.
باج ئىدارىسى تەپتىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈشتىن كېيىن تەييارلىغان دوكلاتىدا، بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ، «سۈرىيەدىكى پۇقرالارغا، ئۆي – ماكانسىز، ئاچ ۋە مۇھتاج ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم» دەپ يىغقان پۇللاردىن 160 مىڭ كاندادا دوللىرى (653 مىڭ تۈركىيە لىراسى) نى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا يوللىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «پ ك ك كانادامۇ قوبۇل قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. شۇڭا، بۇ پۇللارنىڭ، جۈملىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ پ ك ك نىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.»
«‹ئانادولۇ› مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى» نىڭ پ ك ك نى ياكى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار گۇرۇپپىلارنى ئوچۇق - ئاشكارا قوللاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇ جەمئىيەتنىڭ «خەيرىيەت جەمئىيىتى» سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، شۇڭا بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پۇل يىغىش قىلىش ياكى ئىئانە توپلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
فوندى جەمئىيەتنىڭ 2011 – 2014 – يىللىرى ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ جەمئىيەتنىڭ پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»
ئىگىلىنىشىچە، كانادادا تورونتو شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ۋە پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار ئورگانلاردىن ي پ گ گە ياردەم بېرىۋاتقان كۆپلىگەن جەمئىيەتلەر، فوندى جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
كانادا باج ئىدارىسىنىڭ 10 بەتلىك دوكلاتىغا، « https://www.scribd.com/document/401065466/Anatolia-Cultural-Foundation » تور ئادرېسىدىن ئېرىشكىلى بولىدىكەن.