ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش تەكىلىپىنى پارلامېنتقا سۇنىمەن

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئۆزى تۈزگەن كېلىشىم رەت قىلىنغان تەقدىردە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشى ۋە ئايرىلىش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئۈچۈن  پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1153541
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش تەكىلىپىنى پارلامېنتقا سۇنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق پارلامېنتقا دوكلات سۇنغان مېي، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغان كېلىشىمنى 12 – مارت كۈنى پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىم رەت قىلىنغان تەقدىردە، 13 – مارت كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشى ئۈچۈن پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 29 – مارت كۈنى پەقەت پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشى ئاستىدىلا كېلىشىمسىز ئايرىلالايدۇ، بۇ كېلىشىم رەت قىلىنغان تەقدىردە، 14 – مارت كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنىمەن. ئەگەر پارلامېنت ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىسا، بۇ قاارار قىسقا مۇددەتلىك ۋە بىر قېتىملا كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. كېچىكتۈرۈش ۋاقتى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى كېچىكتۈرۈش قارارى، ھەرگىزمۇ  كېلىشىمسىز ئايرىلىش سۆھبىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى لازىم. كېلىشىمسىز ئايرىلىش بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىش، ياكى 50 – ماددىنىڭ بىكار قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ، ئەمما مەن بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن.»

ئىشچى پارتىيەسى رەھبىرى جېرېمى كورباين بولسا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقتىنى قىستاش ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە مېي بۇنداق بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېلىشىمىنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن تەقدىردە، كېلىشىمنىڭ خەلق رايىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مېينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى، 15 – يانۋار كۈنى پارلامېنتتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا رەت قىلىنغانىدى. ئەنگلىيە 2016 – يىلى 23 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئارقىلىق، % 48 گە قارشى % 52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر