رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتلىرى ھەققىدە توختالدى.

1149578
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «مۇستەقىل بىر دۆلەتكە مۇداخىلە قىلىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپتۇر» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن زامبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوئې مالانجى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 55 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مۇخبىرلارنىڭ ۋېنېزۇئېلا توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن لاۋروۋ، ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىش تەھدىتىنى ئۆكتىچىلەر قوللىماقتا. مۇستەقىل بىر دۆلەتكە مۇداخىلە قىلىنىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپتۇر» دېدى.

ئۇ، ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

زامبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مالانجى بولسا، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر