مايك پېنس ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى.

1145657
مايك پېنس ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى 2015-يىلى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى.

پولشادا ئامېرىكا باشچىلىقىدا چاقىرىلغان «ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى»ناملىق يىغىنغا قاتناشقان پېنس، ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى ئازايتىپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگوسىغا رىئايە قىلىپ كەلگەن دۆلەتلەرنى ماختاش بىلەن بىرگە، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا ئېمبارگوسىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بىلەن تەنقىد قىلدى.

پېنس مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس ياۋروپادىكى بەزى غول ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇ  ئىشتا بىزگە قەتئىي ماسلاشمىدى،ھەتتا ئېمبارگولىرىمىزغا زىت بەزى مىخانىزملارنى قۇرۇپ چىقىشقا باشچىلىق قىلدى. بۇ ئەھۋال ئىرانغىلا پايدىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولسا زىيانلىق، شۇنداقلا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىدۇ. »

ياۋروپا ئىتتىپاقىنى 2015-يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان پېنس: ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغدا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، ئىران خەلقىگە، رايونغا ۋە دۇنياغا ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە ئامانلىق كېلىش ئۈچۈن، ئىران ھۆكۈمىتىگە تېگىشلىك دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىمنى يولغا قويۇۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە بىزگە ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك، دېدى.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيكېك كزاپۇتوۋىكىز،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ ئىشقا قارىتا ئامېرىكادىن پەرقلىق سىياسەت يولغا قويۇشنى تەشەببەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپادا نۇرغۇن دۆلەت ئامېرىكانىڭ بۇلتۇر يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىنمۇ يەنىلا 2015-يىلى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان  يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر